0 / 0

دورىگەرلىك خىزمىتىنى تاشلاپ، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش بىلەن بولۇۋاتىمەن

سۇئال: 97231

مەن خىزمەت جەريانىدا ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايلىق ئىش ھەققى يۇقىرى، ئىجتىمائىي ئورنى ياخشى بولغان دورىگەرلىك خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەرئى ئىلىم ۋە قىرائەتكە دائىر بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە يۈزلەندىم. ھازىر مەلۇم بىر قۇرئان كۇرسىدا ئاز ئايلىق مۇئاش بىلەن مۇئەللىمە بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، مەن بۇ خىزمىتىمدىن بەك خۇرسەن. شۇنداقتىمۇ ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا تاپا-تەنە قىلىشىپ، مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دېيىشىدۇ. بۇ ئىشقا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

خىزمەتئورۇنلىرىدا ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگەئارىلىشىشىنىڭ ئەر- ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭمەنىۋى ھاياتى ۋە ئەخلاقىغا سەلبىيتەسىر بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكى بىرنەچچەتۈرلۈك ئىشلار ئارقىلىق روشەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

1-ئۇلارنىڭئارىسىدا شەرىئەتتە چەكلەنگەن قاراش ھاسىلبولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۆمىنئەر-ئاياللارنى بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن چەكلەپمۇنداق دېگەن: قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوافُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّـهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ . وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَمِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّإِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىشئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇقخەۋەردار. مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى،نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقازىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. [سۈرە نۇر30-31-ئايەت].

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:مەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن:ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە تۇيۇقسىز قاراپ قىلىشىتوغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:كۆزۈمنى باشقا تەرەپكە بۇراشقابۇيرىدى.[ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 2159- ھەدىس].

2-خىزمەت جەريانىدا بەزىدە بىر-بىرىگەسۈركىلىش، ئۆز-ئارا كۆرۈشۈش قاتارلىق ئىشلاريۈز بېرىپ قالىدۇ. بو توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: سىلەرنىڭبىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە ھالال بولمايدىغان بىر ئايالنىڭبەدىنىنى تۇتقىنىدىن، ئۇنىڭ بېشىغاتۆمۈردىن ياسالغان يىڭنە كىرگىنى ياخشىراقتۇر.[بۇ ھەدىسنى تەبرانى مەئقەل ئىبنى يەساررەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان. شەيخئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى5045-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

3- بەزى ۋاقىتتا يات ئەربىلەن يات ئايال خىزمەت مۇناسىۋىتىسەۋەبلىك خالى جايدا بىرگە تۇرىدىغان بولۇپقالىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن. بو توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ: يات ئەر، يات بىر ئايالبىلەن يالغۇز قالمىسۇن، ئەگەر يالغۇز قالسا،ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.[تىرمىزىرىۋايىتى2165-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنىتىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىقئەسىرىدە كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىستە:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، مەھرەمسىز يات بىرئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن، ئەگەر يالغۇزقالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.[بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.ھاكىم سەھىھ دېگەن. ئىمامزەھەبى بۇ قاراشقا مۇۋاپىق كەلگەن.شەيخ ئەلبانى”غايەتۇل مۇرام” ناملىقئەسىرى180-ھەدىستە سەھىھ دەپ بايان قىلغان].

4- ئەر-ئايال خىزمەتداشلار بىرئورۇندا ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىپ خىزمەتقىلسا، بىربىرىگە مەپتۇن بولۇش ياكى سېغىنىشقاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارغا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللار بارلىققاكېلىدۇ.

5- يات ئەر-ئاياللارنىڭئارىلىشىپ خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە؛ ئائىلەبۇزۇلۇش ۋە ۋەيران بولۇشكېلىپ چىقىدۇ. كۆپچىلىك ئەرلەرنىڭقەلبى خىزمەتداش ئاياللارغا مەپتۇن بولۇشسەۋەبلىك ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن،تۇرمۇشىنىڭ ۋەيران بولىشىغاسەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭدەك،نۇرغۇن ئاياللارمۇ شۇ سەۋەپلىكئائىلىسىگە سەل قاراپ يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بەلكىبەزى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تالاقمەسىلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا باشقايات ئەر-ئاياللار بىلەن چەكلەنگەنمۇناسىۋەتتە بولغانلىقىسەۋەبىدىندۇر. مانا بۇ خىزمەتمۇناسىۋىتى بىلەن يات ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنىيېتەكچىلىك ئورنىغا كۆتۈرگەنلىكنىڭمەھسۇلىدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرتۈپەيلى، ئىسلام شەرىئىتى ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىققائىلىپ بارىدىغان ئارىلىشىشنى چەكلىدى. (يات ئەر-ئاياللارنىڭئارىلىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكىدەلىل-پاكىتلار 1200-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىداتەپسىلى بايان قىلىنغان).

سىز ئەرلەر بىلەنئارىلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىزمەتتىن ۋازكەچكەن بولسىڭىز، بۇ ئىشنى ياخشى قىلدىڭىز.ئۆزىڭىزگە پەرز بولغان ئىشنى ۋۇجۇتقاچىقىرىپسىز، شۇنداقلا، بۇ ئىشىڭىز ئۈچۈندۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت،ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھرازىلىقى ئۈچۈن بىر ئىشتىن ۋاز كەچسە، ئاللاھتائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقيەنە بىر نەرسىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. بۇتولۇقلاش پەقەت ماددى تولۇقلاش بولماستىن، بەلكىئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان، ياخشى ئەمەللەرگەمۇۋەپپەق قىلىش، بەخت-سائادەت،كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مەنىۋىيراھەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ھەممىسىئىلاھى تولۇقلاشتىنئىبارەتتۇر.

قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشۋە ئۆگىتىش بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغانئەڭ ئۇلۇغ ۋە ياخشىئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: قۇرئانئۆگەنگەن ۋەئۆگەتكەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەڭياخشىلىرىڭلاردۇر. [بۇخارىرىۋايىتى5027-ھەدىس]. يەنە بىر ھەدىستە: قۇرئان ئۆگەنگەن ۋەئۆگەتكەنلىرىڭلار سىلەرنىڭئاراڭلاردىكى ئەڭ ئەۋزەلكىشىلەردۇر. [بۇخارى رىۋايىتى].

مۇسۇلمانقىز-خانىملىرى ئۆزلىرىگە توغرا شەكىلدە قۇرئانئۆگىتىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى قۇرئان كەرىمنى يادئىلىشىدا ياردەمچە بولىدىغانئىخلاسمەن ئۇستازلارغابەك ئېھتىياجلىق. ئەگەر سىز يەنەئەرلەر بىلەن ئارىلاشماي خىزمەت قىلىدىغاندورىگەرلىك خىزمىتى تاپسىڭىز، ئۆز كەسپىڭىزگەمۇناسىپ ھالەتتە خىزمىتىڭىزنىداۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قۇرئانكەرىم ئۆگىتىش ئىشلىرىغىمۇ ياردەملەشسىڭىزبولىدۇ.

بەخت-سائادەتيۈز ئابرۇي، يۇقىرى مەرتىۋە ياكى نام قازىنىشبىلەن بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش،ھەقىقى تەقۋادارلاردىن بولۇش ئارقىلىق قولغاكېلىدۇ.سىز ئاللاھتائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭسىزگە ئاتا قىلغىنىغا رازى بولىدىكەنسىز، باشقىلارنىڭگەپ-سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماڭ. )چۈنكى ئىنسانلارنىڭگەپلىرى تۈگىمەيدۇ(.جانابى ئاللاھدىنسىزنىڭ تەقۋادارلىقىڭىز ۋە توغرايولىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىنتوغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android