ھەيز ۋە نىپاس
- غۇسلىنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدايۇيۇنۇش كۇپايە قىلىدىغان ۋە كامىل يۇيۇنۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. كۇپايە قىلىدىغان يۇيۇنۇشتا، ئىنسان پاك بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ، ئېغىزىنى ۋە بۇرنىنى چايقاش بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ. كامىل يۇيۇنۇش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇينغانغا ئوخشاش يۇيۇنۇش بولۇپ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى مەقسەت قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئىككى ئالقىنىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئەۋرىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جۇنابەتتىن يۇقۇپ قالغان نەرسىلەرنى يۇيىدۇ، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن بېشىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، يۇيۇنۇشىنىڭ ھەممە سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆتكەن ۋاقىتلاردا يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەسلىكتىن ئۇنى قىلمىغان بولسىڭىز ياكى يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەن قاراشقا تايانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ يۇيۇنغىنىڭىز توغرا بولىدۇ ۋە مۇشۇ يۇيۇنۇشقا ئاساسەن ئادا قىلغان ناماز-روزىلىرىڭىزمۇ توغرا بوپتۇ. سىزنىڭ ئۇ ناماز-روزىلارنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىز-بۇرۇننى يۇيۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ئىختىلاپى بار.925
- كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ تاھارىتى ۋە نامىزى توغرىسىدائالىملار دائىم سۈيدۈك تېمىپ، يەل چىقىپ، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان كىشىنى ھۆكۈمدە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋەتكەن، نىجاسەت تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر نەرسە بىلەن پاكىزلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ھەر نامازنىڭ ۋاقتى ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، ئۇ تاھارىتى بىلەن پەرزدىن ۋە نەپلىلەرنى خالىغاننى ئادا قىلىدۇ، پەرزەن: دائىم سۈيدۈك تامىدىغان كىشىدىن تاھارەت ئالغاندىن كېيىن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە سۈيدۈك تاممىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە قايتىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە ئالغان تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئۇ كىشىگە ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.1,086
- بويىدىن ئاجرىغان تۆرەلمە بىلەن بىرگە چۈشكەن قاننى نىپاسنىڭ قېنى دەپ ئويلاپ، روزىسىنى بۇزغانلىقى توغرىسىدا398
- نىپاسدار ئايال قىرىق كۈننى تولۇقلىغاندىن كېيىنمۇ پاك بولمىغان بولسا، يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىپ، روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟.410
- ھەيىزدار ئايال ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇغاندا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا591
- ئايالدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا1,145
- ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى دۇغ نەرسىلەر توغرىسىدا968
- ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بامدات ۋاقتىدىن بۇرۇن پاكىزە بولسا، ئۇ ئايالغا شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا1,161
- رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتسە بولامدۇ؟1,225
- ھامىلدار ئايالدىن ئاجرالمىلار كەلسە نامازنى تەرك قىلامدۇ؟1,246