كەبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنامدۇ؟
تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بىلەن قىلىش شەرتتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. شۇنداقلا ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ قارىشىدۇر.
يەنە بەزى ئالىملار: جۇنۇپ بولمىسا، تاۋاپ ئۈچۈن كىچىك تاھارەت ئىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئەمما سەئيىگە نىسبەتەن سەئيىنى تاھارەت بىلەن قىلىش شەرت ئەمەس، بۇ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بەلكى ھەيزدار ئۈچۈنمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەيزدارنى پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىنلا چەكلىگەن.