ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
159417/10/2010

ئوقۇغۇچى ئەخلاقى ناچار ساۋاقداشلىرىدىن قانداق يىراقلىشىدۇ؟

سۇئال: 151671

مەن بىر مەسچىدتە قۇرئان ئۈگىتىمەن، ئوغلۇممۇ دەرسىدە بولىدۇ، ئۇ باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، چىراي-شەكلى جايىدا، مەن كۆزىتىپ باقسام ئۇنىڭدىن ياشقا چوڭ بالىلار ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ، مەن ئوغلۇمنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇردۇم، مۇلاھىزە قىلىپ باقسام ئوغلۇمدىمۇ بىر چەكلىمە يوق ئىكەن، مەن ئوغلۇمغا بىر قانچە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن: ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئوغلۇمغا پۇخۇرلۇق قىلىشدىن -ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن-ئەنسىرەيمەن. سىلەرنىڭ مېنى مۇشۇ ھەقتە قىلىشىم زۆرۈر بولغان ئىشتا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئەۋۋەل يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىش بىلەن ھەقىقى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك، ياشتا ئۆزىدىن كېچىك بالىلارغا ئارىلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى ناچار بولمايدۇ، پەقەت ناچار ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن تونۇلغان ياكى توغرا يولدا بولمىغان كىشىلەر بولسا بۇنداق ھالەتتە ئۇنداق كىشىلەردىن بەك ھەزەر قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   سوئال سورىغۇچى كىشى بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن بولىدۇ:

   1-ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش. ئوغلىنىڭ ئىشلىرىنى كۆزىتىش، دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى يېقىندىن تونۇشقا ھېرىسمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

   2-ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ خەتىرىنى، ئۇلاردىن يىراق بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قانائەتلەنگۈدەك ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن بەزىسىنىڭ مەقسەتلىرىنى تونۇشقا ئۇرۇنۇش كېرەك.

   3-ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋرەتكە ئالاقىدار بولغان ھۆكۈملەرنى ئومۇمى شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىش، ئەۋرەتنى ئومۇمى ئىنسانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۇنىڭدىن كۆز يۈمۈشنى بايان قىلىش ۋە ناچار دوستلارغا ئارىلىشىشتىن ھەزەر قىلىدۇرۇش كېرەك.

   4-ئاشۇ ياشلارغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا ئۆلىمالارنىڭ تۈك چىقمىغان بالىلارغا ھەمراھ بولۇشتىن ئاگاھلاندۇغانلىقىنى، ئۇلارغا تولا قاراشنىڭ خەتىرىنى، ئۆلىمالارنىڭ ئۆزى چىرايلىق يۈزىگە تۈك چىقمىغان بالىلارنىڭ يۈزىگە شەھۋەت بىلەن قاراشنى چەكلىگەنلىكىنى، بەلكى بەزى ئۆلىمالارنىڭ مۇتلەق قاراشنى ھارام دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ دەلىلى: ئۇ ئايال كىشىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئايالنى كۆڭلى تارتقاندەك ئۇنىمۇ كۆڭلى تارتىدۇ، ئۇنىڭ چىرايىمۇ گۈزەللىكتە ئايالنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ، بەلكى گۈزەللىكتە نۇرغۇن ئايارللاردىن چىرايلىق بولىدۇ، بەلكى ئۆلىمالار ئۇنىڭغا قاراشنى يەنە بىر مەنا ئۈچۈن ھارام دېگەن: يەنى ئايالغا مۇمكىن بولمايدىغان يامان ئىشلارنى ئۇنىڭ بىلەن قىلىش مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. [“سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى”4-توم 31-بەت].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “تۈك چىقمىغان بالىغا تەكرار قارىغان كىشى ياكى كۆزىنى ئۈزمەي قارىغان كىشى: مەن ئۇنىڭغا شەھۋەت بىلەن قارىمىدىم دېسە، ئۇ يالغانچىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىغا ئۈزمەي قارايدىغانغا بىرەر ھاجەت يوق، ئۇنىڭ قارىشى پەقەت قاراش بىلەن كۆڭلىدە بىر لەززەت ھاسىل قىلىشتۇر، ئەمما تۇيۇقسىز قاراپ قىلىپ كۆزىنى ئىلىپ قاچقان بولسا بۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ”. [“پەتىۋالار مەجمۇئەسى”15-توم 419-بەت].

   5-سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىز داۋاملىشىپ، باشقا چارە تاپالمىسىڭىز، ئۇ بالىنىڭ ئائىلىسىگە نەسىھەت قىلىپ ئۇنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەش ئارقىلىق ئاشۇ ناچار بالىلاردىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەكلكىنى بىلدۈرۈڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android