ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
113809/03/2011

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھامىلدار بولۇش قاتارلىق جىنسى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىنى قانداق بىتەرەپ قىلىدۇ؟

سۇئال: 160348

   بالام ئالتە ياشقا كىردى، مەن ھامىلدار، ئوغلۇم مەندىن يېڭىدىن قورسىقىمدا پەيدا بولغان ھامىلە توغرىسىدا تەكرار سورىدى، مەن قانداق جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمىدىم؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ يەردە ئەڭ پايدىلىق بولغىنى، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىدە پەرزەنتلىرىنىڭ سوئاللىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، سورالغان سوئالنىڭ ئەسلىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنىڭغا ئەتراپلىق جاۋاپ ھازىرلاش كېرەك، بۇ تۈردىكى سوئاللار بالىلارنىڭ ئېڭىدا بىر سەزگۈ ھالىتىنى شەكىللەندۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بۇنداق سوئاللاردىن ئۆزلىرىنىڭ پاسسىپ ھالەتتە قالغانلىقىنى مەلۇم قىلماسلىقى كېرەك.

    بۇ تۈردىكى سوئاللار بولغاندا، مۇمكىن بولسا ئانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىدىغانلىقى، ئۆلۈك نەرسىدىن تېرىكنى چېقىرىدىغانلىقى، تېرىك نەرسىدىن ئۆلۈكنى چېقىرىدىغانلىقى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى توپىدىن قانداق ياراتقانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدا ياراتقانلىقى، قورساق ۋە قورساقتىكى نەرسىلەرنى مۇشۇ تۆرەلمنىڭ مەلۇم مۇددەت ياشىشىغا مۇناسىپ شەكىلدە قىلىشتا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدىرتىنىڭ قانداق نامايەندە بولىدىغانلىقى، قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى، مەنى -ئىسپىرمىدىن قانغا، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئىنسان شەكلىگە كەلگەن ياكى كەلمىگەن بىر چېشلەم گۆشكە ئۆزگىرىدىغانلىقى قاتارلىق ئىنساننىڭ دۇنيا كېلىش ئەھۋالىغا يۆتكىۋېتىشى كېرەك.

    شۇنىڭغا ئوخشاش ئانا يەنە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، كائىناتتى يارىتىشى، كۆڭۈل بۆلىشى، ھېكمىتى، مۇشۇ تۆرەلمىنىڭ ھېچ بىر كۈچى يوق ۋە ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىگە ئاللاھنىڭ رىزىق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قانداق كېپىل بولغانلىقى، تۆرەلمە ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا مەلۇم ۋاقىت تۇرۇشنى ئاندىن خۇددى توخۇمدىن چۆجە چىققانغا ئوخشاش ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك.

    ئانا مۇمكىن بولسا بۇ ياشتىكى بالىلارغا ئۇلار ئاڭلىسا قانائەت قىلىدىغان ئومۇمى شەكىلدە توغرا مەلۇماتلار بىلەن جاۋاپ بېرىشى كېرەك.

    ئانا سوئالنى باشقا مەسىلىگە يۆتكىۋېتىش، بۇ سەزگۇ مەسىلىگە بىۋاستە جاۋاپ بېرىشتىن، توغرا بولمىغان جاۋاپلارنى بېرىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېرىدىغان جاۋاپنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن مۇناسىپ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ گۈزەل شەكىلدە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android