ھەيزدىن پاك بولۇپ كېچىدە يۇيۇنغاندا قانداق ناماز ئوقۇيمەن؟، يالغۇز خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شام بىلەن خۇپتەننى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شۇ كۈنلۈك نامازنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەنمۇ؟، بىلىشىمچە، قاننىڭ تولۇق توختىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ۋە تولۇق ئاقلىقنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۈن ئارىلىق بېرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بامدات ۋاقتىدىن بۇرۇن پاكىزە بولسا، ئۇ ئايالغا شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا
سوئال: 82106
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت–سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئايال كىشى خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن پاك بولغان بولسا، شۇ كۈنلۈك خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال خۇپتەن ۋاقتىدا پاك بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شام نامىزىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۈزۈر بولغاندا شام بىلەن خۇپتەن نامىزى بىرگە ئوقۇلىدۇ.
شۇنىڭدەك ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن پاك بولغان بولسا، ئۇ ئايال ئەسىر بىلەن بىرگە پېشىن نامزىنىمۇ ئادا قىلىدۇ، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزىسىنىڭ پەتىۋاسى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.
ئەمما بامدات ۋاقتىدىن كېيىن ياكى پېشىن ۋاقتىدىن كېيىن ياكى شام ۋاقتىدىن كېيىن پاك بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پەقەت ئاشۇ ۋاقىتتىكى بىرلا نامازنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى بامدات ياكى پېشىن ياكى شام ئۇ ئايال پاك بولغان ۋاقىتتىكى نامازدۇر. بۇ نامازلار بۇرۇنقى نامازلار بىلەن بىرگە جۈپلەپ ئوقۇلمايدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى"1- توم 238 –بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن پاك بولسا پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىر گە ئوقۇيدۇ".
ئەگەر تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن پاك بولسا، ئۆتۈپ كەتكەن خۇپتەن بىلەن شامنى قېتىپ ئوقۇيدۇ، بۇ قاراش ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىپ، ئىبنى ئابباس، تاۋۇس، مۇجاھىد، ئىبراھىم نەخەئىي، زۆھرى، رەبىيئە، مالىك، لەيس، شافىئىي، ئىسھاق ۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىق ئالىملاردىن بايان قىلىنغان.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تابىئىنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق دەيدۇ لېكىن ھەسەن بەسەرى: ئۇ ئايالغا پاك بولغان ۋاقىتتىكى بىرلا نامازنى ئوقۇش كېرەك بولىدۇ دەيدۇ، بۇ سۇپيان سەۋرى ۋە ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر، چۈنكى بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتى ئۇ ئايال ئۈزۈرلۈك ھالەتتە چىقىپ كەتتى، ئۇ ئايال ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدىن بىر ۋاقىتنى تاپمىغانغا ئوخشاش بىرىنچى نامازنى ئادا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.
ئىمام مالىكتىن بايان قىلىنىشچە: ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدىن بەش رەكەت ناماز ئادا قىلغىدەك ۋاقىتنى تاپقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بىرىنچى نامازنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئاشۇ بەش رەكەتتىن بىر رەكەت ئۇ ئايال ئۈزۈرلۈك بولغان ئەۋۋەلقى نامازنىڭ ۋاقتىدۇر، ئۇ ۋاقىتنى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، خۇددى دەسلەپكى نامازنىڭ تاللانغان ۋاقتىنى تاپقانغا ئوخشاش، ئەگەر ئۇنچىلىك ۋاقىتنى تاپالمىسا بىرىنچى نامازنى ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
بىزنىڭ دەلىلىمىز: ئەسرەم، ئىبنى مۇنزىر ۋە باشقا ئالىملار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىپ ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن بايان قىلغان ئەسەردە، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن بىر رەكئەت ناماز ئادا قىلغۇدەك ۋاقىت قالغاندا پاك بولغان بولسا، شام بىلەن خۇپتەننى ئادا قىلىدۇ، كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن پاك بولغان بولسا، پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئۈزۈرلۈك ھالەتتە ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتى بىرىنچى نامازنىڭمۇ ۋاقتىدۇر، ئەگەر ئۈزۈرلۈك كىشى بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتىنى تاپقان بولسا خۇددى ئىككىنچى نامازنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئۇنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك بولاتتى".
"زادىل مۇستەقنەئ ناملىق ئەسەردە مۇنداق كەلگەن: " نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئادا قىلىشقا لايىق بولغان كىشى ئۇ نامازدىن بۇرۇن بىرگە ئوقۇلىدىغان نامازنى قېتىپ ئادا قىلىدۇ".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "مۇمتىئنىڭ شەرھىسىدە" مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مىسالى: ئەگەر ئەسىرنىڭ ۋاقتىدىن بىر رەكەت ياكى ناماز باشلاش تەكبىرى مىقدارىدا ۋاقىتنى تاپسا، ئۇ كىشىگە ئەسىر نامىزىنى ۋە پېشىن نامىزىنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتنى خۇپتەن ۋاقتىدا تاپسا، ئۇ كىشىگە خۇپتەن بىلەن شامنى قېتىپ ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ۋاقىتنى بامدات ۋاقتىدا تاپسا، پەقەت بامداتنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بامدات نامىزى ئۆزىدىن ئىلگىركى نامازغا قېتىپ ئوقۇلمايدۇ.
ئەگەر بىرىنچى مىسالدا پېشىننى ئىككىنچى مىسالدا شامنى قېتىپ ئوقۇشنىڭ دەلىلى نېمە؟ دېيىلسە، بۇنىڭ دەلىلى: ئەسەر ۋە نەزەردىن ئىبارەتتۇر.
ئەمما ئەسەر: ئىبنى ئابباس ۋە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىپتىن بايان قىلىنغان.
ئەمما نەزەر : ئۈزۈرلۈك بولغاندا ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتى بىرگە ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتىدۇر، ئۈزۈرلۈك بولغاندا، ئاشۇ ۋاقىتتىن مەلۇم بىر ۋاقىتنى تاپسا، بۇ خۇددى ئىككى ۋاقىتتىن بىر مەلۇم ۋاقىتنى تاپقانغا ئوخشاشتۇر، بۇ ھەنبەلى مەزھەپتىكى مەشھۇر قاراشتۇر.
بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: " ئۇ كىشىگە ۋاقتىنى تاپقان نامازنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نامازنى ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ." ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ كىيىنكى قاراشنى كۈچلۈندۇرغان.
ئىھتىياتەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويۇنچە ئەمەل قىلىپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇش كېرەك، تولۇق بىر كۈنلۈك نامازنى ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ۋاقتىنى تاپقان نامازنىلا ئوقۇسا، بەلكىم گۇناھ بولماسلىق ئۈمىد قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى: ئايال ھەيزدىن مۇنۇ ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن پاك بولىدۇ: قويغان نەرسىنىڭ تولۇق ئاق بولىشى ۋە ئورۇننىڭ تولۇق قۇرىشىدىن ئىبارەتتۇر. بىز 5595 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك، ئورۇنغا پاختىدەك بىر نەرسىنى كىرگۈزسە قىزىللىق ياكى سېرىقلىق ئالامەتلىرى بولماستىن پاكىزە چىقسا پاك بولغان بولىدۇ.
سىزنىڭ تولۇق ئاقلىقنى كۆرەلمەي بىر كۈن نامازنى تەرك قىلغانلىقىڭىز توغرا ئەمەس، بەلكىم سىز تولۇق قۇرۇش بىلەن پاك بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، پاك بولۇشتا مۇشۇ ئالامەتلەرگە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەيزنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە پاك بولغاننىڭ ئالامىتى: قاننىڭ چىقىشىنىڭ ۋە سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنىڭ چىقىشىنىڭ ئۈزۈلىشىدۇر، بۇ ئالامەت ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئاق نەملىك چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن پاك بولغان بولىسىز". ["ئەل مەجمۇئ" 2 –توم 562 –بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى