ئىبادەتلەر
كەبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنامدۇ؟
تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بىلەن قىلىش شەرتتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. شۇنداقلا ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ قارىشىدۇر. يەنە بەزى ئالىملار: جۇنۇپ بولمىسا، تاۋاپ ئۈچۈن كىچىك تاھارەت ئىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئەمما سەئيىگە نىسبەتەن سەئيىنى تاھارەت بىلەن قىلىش شەرت ئەمەس، بۇ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بەلكى ھەيزدار ئۈچۈنمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەيزدارنى پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىنلا چەكلىگەن.مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا
مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا: 1-ئەرلەرنىڭ مەنىسى قويۇق، ئېقىش بولىدۇ، ئاياللارنىڭ مەنىسى ساغۇچ، سۇيۇق بولىدۇ، مەزى بولسا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ جىمانى پىكىر قىلغاندا ياكى مەقسەت قىلغاندا چىقىدۇ ئۇنىڭ چېقىشى بىلەن شەھۋەت، ئىنتىلىش بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بوشىشىپ كېتىشىمۇ بولمايدۇ. 2-مەنى چىقسا، جىمادىن بولسۇن، باشقا ئىشلاردىن بولسۇن ياكى چۆشىدە ئېھتىلام بولسۇن چوقۇم يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما مەزى چىققان بولسا پەقەت تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ. 3-ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە مەنى پاكتۇر، ئەمما مەزى بولسا نىجىستۇر.- 659
تەيەممۇمنى قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
- 13,093
ھەج دېگەن نېمە؟
- 14,073
خەتنە قىلىشنىڭ ساغلاملىق ۋە دىنى جەھەتتىكى پايدىلىرى